
ئوغۇللار 15- 16 ياشقا، ئايرىملىرى 13- 14 ياشقا بارغاندا بالاغەتكە يېتىش دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ، بۇ ۋاقىت جىنسىي جەھەتتىن يىتىلگەن دەۋرىدۇر. بۇ دەۋردە جىنسىي ئەزالىرىمۇ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ئۇرۇقدان چوڭىيىپ، تەدرىجىي يىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈزلۈكسىز ئۇرۇق ئىشلەپ ئەرلىك گورمۇن ئاجرىتىدۇ. ئىككىنچى جىنسىي بەلگىلىرى روشەنلىشىپ، سۆزلىگەندە ئاۋازى بوملىشىىپ، بەدەن تەرەققىي قىلىپ چوڭلارغا ئوخشاپ كىتىدۇ. بۇرۇنلار خەت تارتىپ، غەيرىي جىنسىلىقلارغا ئىنتىلىدۇ ۋە جىنسىي ھىسسىياتى قوزغىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇرۇق ئۈزلۈكسىز ئىشلەنگەنلىكتىن، ئۇ گەرچە ئۇرۇق خالتىسىدا ساقلىنىپ تۇرسىمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى ۋە سىرتقىمۇھىتنىڭ تەسىرى، بۇلۇپمۇ جىنسىي ھىسسىيات ۋە يەرلىك ئورۇننىڭ فىزىكىلىق غىدىقلىشىدىن (سۈركىلىشىدىن) رىفلىكسلىق ھالدا ئۇرۇق چىقىرىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنى ئادەتتە ئېھتىلام بۇلۇش دەپ ئاتايمىز. بۇنداق ئەھۋال بالاغەتكە يىتىش دەۋرىدىكى ئوغۇللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي بىر خىل نورمال بولغان فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋال بۇلۇپ، كىسەللىك ئەمەس. بەزى ياشلار كونا ئىدىيە ۋە ئەنئەنىۋى كۆز قاراشنىڭ تەسىرىگەئۇچراپ، ‹‹ ئەسلى قۇۋۋەت ›، كە زىيان يەتكۈزۈپ ئۆسۈپ يىتىلىشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ ئېھتىلام بۇلۇشنى ئېغىر كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىدىيە جەھەتتە ئورۇنسىز قورقۇش ئەھۋاللىرى پەيدا بولىدۇ، ئەمەليەتتە، بۇنداق قاراش پۈتۈنلەي خاتا. ياشلار تاساددىپىي ئېھتىلام بولسا، يەنى بىر ئايدا بىر – ئىككى قېتىم ئېھتىلام بولسا بۇ نورمال ئەھۋال بۇلۇپ، ئۇ بەدەنگە ھىچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇلارغا ئېھتىلام بۇلۇش ‹‹ ئەسلى قۇۋۋەت ›› كە زىيانلىق دەپ چۈشەندۈرۈلسە، ياشلارنىڭ روھىي يۈكىنى كۆپەيتىپ، ئەنسىزچىلىكىنى، ھەتتا نېرۋا ئاجىزلىقىنى پەيدا قىلىپ قويغان بولىمىز.
نىمە ئۈچۈن شەيتان ئاتلايدۇ؟ بۇ چۈشىمىزدە ئېھتىلام بۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان ھادىسە. چۈش كۆرۈشنىڭ ئۆزى چوڭ مىڭە پوستلىقىدا قوزغىلىش ئوچىقى بولغانلىقىنىڭ ئىنكاسى بۇلۇپ، ‹‹ كۈندۈزى نىمىنى ئويلىساڭ، كىچىسى شۇ چۈشۈڭگە كىرىدۇ ›› دىگەندەك ئەھۋاللارنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر. كۈندۈزدە كىشىلەر ئۆگىنىش ۋە خىزمەت قىلىدۇ، بۇ خىل غىدىقلىنىش تورمۇزلاشقا ئۇچراپ رىفلىكىسلىق ھەرىكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ؛ ئۇخلىغان ۋاقتىدا چوڭ مىڭە پوستلىقىنىڭ بۇ خىل قوزغىلىش ئوچىقىغا قارىتا تورمۇزلىشى ئاجىزلىشىپ، ئاسانلا چۈش كۆرۈش، ئېھتىلام بۇلۇش كىلىپ چىقىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي نورمال دائىرىگە تەۋە بۇلۇپ، ھەددىدىن ئارتۇق چارچاپ كەتكەندە ئېھتىلام بۇلۇش بىلەن ئوخشاش، بۇ يەردە ئوخشىمايدىغىنى چۈش كۆرگەنلىكلا خالاس. پەقەت قولىدا ئېھتىلام قىلىشقا ئادەتلەنگەنلەردىكى دائىم ئېھتىلام بۇلۇش بىلەن شەيتان ئاتلاشلارنىڭلا سالامەتلىككە زىيىنى بولىدۇ.
|