ھەمكارلىق

|

قۇشۋېلىڭ

|

باش بەت قىلىڭ

تور بازىرى | TV | MP3 نـــاخشــا | mtv ناخشىلار | كىنو فىلىم | تور ئۇيۇنى | رەسىملەر | ئەدەبىيات | دىتال | ئىزدەش | خەۋەرلەر | چايخانا | مۇنبەر

 

بـــــــاش بـــــەت | ئەدەبىيات گۈلزارى | مەدەنىيەت ۋە تارىخ | بەس مۇنازىرە | دوستلۇق كۆۋرۈكى | شېئىرىيەت گۈلزارى | QQ ئىپادىللىرى | يۇمشاق دىتاللار | كۆڭۈلدىكى سۆز
تېلېۋىزىيە قاناللىرى | خـــــــەۋەرلـــــــەر | ئىجادىي ئەسەرلەر | ھېكايە - رومانلار | خەلقئارا خەۋەرلەر | ئەدەبىيات | سودا - سېتىق | رەسىـــمــلـــــەر | رومانتىك رەسىم
شېئىر - قوشاقلار | نەسرىي ئەسەرلەر | كــىنــو - فىــلــىم | MTV نــــاخشــــا | MP3 نــــاخشــــا | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | كۈلدۈرگە-ئىتوتلار | ئۈسۈملۈك ۋە جەسەت
پـــىـــــلاستىــنكـــــا | يۇمۇر - چاقچاقلار | تېلېفون بازىرى | يانفۇن مۇزىكىسى | خانىم - قىزلار | مۇھەببەت ئۈنچىلىرى | كومپيۇتېر بىلىملىرى | تەگلىك رەسىملىرى | چولپانلار رەسىملىرى
 

ئەدەبىيات

  ئىجادىيەت سالونى | ھىكايە - رومان | كۆڭۈلدىكى سۆز | شېئىر - قوشاق | نەسرىي ئەسەرلەر | خانىم - قىزلار
 

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز » باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  نەسرىي ئەسەرلەر

 
 

بۇ تۈردىكى يېڭى يازمىلار

بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك يازمىلار

كۆپ كۆرۈلگەن يازمىلار

«مېھىر–مۇھەببەتنىڭ يېرىمى»
ۋاقتى : 2011-10-20  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

 

دۇنيادا تالاي–تالاي بايلار ۋە مىليونېر، مىليادىرلار ۋەيران بولۇش گىردابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى، بۇلارنىڭ ئىزىنى يەنە يېڭى بايلار بېسىپ تۇردى. لېكىن، بىر قىسىم بايلار مەيلى ئىقتىساد بورىنى قانچە شىددەتلىك، رىقابەت قانچە شەپقەتسىز بولسۇن ۋە ياكى نۇرغۇن ئىسسىق–سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرسۇن ۋەيران بولمىدى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى دەل ئامېرىكىدىكى نېفىت ماگناتى جون روككېفېللېر جەمەتىدۇر. ئۇنداقتا روككېفېللېر جەمەتىنىڭ قانچىلىغان بوران–چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ تۇرۇقلۇقمۇ ئىقتىساد ساھەسىدە باشتىن–ئاخىر پۇت تىرەپ تۇرالىشىنىڭ سىرى نەدە؟

روككېفېللېر جەمەتىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغانلار شۇنى بايقىغان: روككېفېللېر جەمەتىنىڭ بارغانسېرى روناق تېپىشىدىكى سىر بۇ جەمەتنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدە ئىكەن. روككېفېللېر جەمەتى پەرزەنتلەرنىڭ مۇستەقىل ياشاش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ پەرزەنتلىرىدىن ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش، ئۆزىگە–ئۆزى خوجا بولۇش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش بۇ جەمەتنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ئىكەن. ئۇلاردا مۇشۇنداق ياخشى ئەنئەنە بولغاچقا ئىگىلىكى باشتىن – ئاخىر ۋەيران بولماي گۈللەپ ياشنىغان.

روككېفېللېر جەمەتىنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلىغا قاراپ باقايلى: بىر كۈنى روككېفېللېر بالىسىنى ئۈستەلگە چىقىرىپ قويۇپ ئۇنى ئۈستەلدىن سەكرەشكە ئىلھاملاندۇرۇپتۇ. بالىسى سەكرىسەم دادام مېنى چوقۇم تۇتۇۋالىدۇ دەپ ئويلاپ قورقماي سەكرەپتۇ، كىم بىلسۇن بالا پەسكە سەكرىگەنىكەن دادىسى تۇتۇۋالماپتۇ. بالا قاتتىق يىقىلىپ چۈشۈپ ۋارقىراپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. بۇ چاغدا روككېفېللېر جىددىي قىياپەتتە بالىسىغا: «بالام يىغلىما، ئېسىڭدە بولسۇن، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق ئىشتا ئۆزۈڭگە تايان، ھەرگىز باشقىلاردىن ئۈمىد كۈتمە، بەزى چاغلاردا داداڭمۇ ئىشەنچلىك بولماي قالىدۇ» دەپتۇ. روككېفېللېر ھەر كۈنى ئىشقا پىكاپتا بارىدىكەن، ئوغلىنىڭ مەكتەپكە بېرىشتا ماشىنىسىغا چىقىۋېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىكەن. بىر كۈنى ئوغلىنىڭ نەپەس يولى ياللۇغى قوزغىلىپ قاپتۇ. ئۇ يول مېڭىشتا قىينىلىپ قالغاچقا دادىسىدىن ئۆزىنى ماشىنىسىدا مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ. لېكىن، دادىسى كەسكىنلىك بىلەن: «بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بىچارە بالا ئاخىرى پىيادە مەكتەپكە بېرىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئۇ تۆت كوچا ئېغىزىدىكى بىر ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتىن ئۆتمەكچى بولۇۋاتقاندا دادىسىنىڭ كۆۋرۈك ئاستىدا ئۇنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. دادىسى ئوغلىنى كۆرۈپ ھېچنېمە دېمەپتۇ، قولياغلىقىنى ئېلىپ كۆز يېشىنى سۈرتۈپتۇ، ئاندىن ئوغلىنىڭ قولىدىكى سومكىنى ئېلىپ ئۇنى يېتىلەپ مەكتەپكە ئېلىپ مېڭىپتۇ. مانا بۇ روككېفېللېر جەمەتىنىڭ «مېھىر–مۇھەببەتنىڭ يېرىمىنى يوشۇرۇش»تەك پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلىدۇر.

«مېھىر–مۇھەببەتنىىڭ يېرىمىنى يوشۇرۇش» ئەمەلىيەتتە پەرزەنت تەربىيەسىدە ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇل. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپلا ھەرقانداق ئىشتا ئۆزىگە تايىنىدىغان، مۇستەقىل، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئەكسىچە مېھىر–مۇھەببەت، كۆيۈنۈش چەكتىن بەك ئېشىپ كەتسە بۇ ئەمەلىيەتتە بالىلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىك، ھاياتىغا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بالىلارنى يۆلىنىۋېلىشتىن خالى، مۇستەقىل تۇرمۇش كۆچۈرەلەيدىغان، جەمئىيەتكە ماسلىشالايدىغان، كىشىلىك قەدىر–قىممەتكە ئىگە كىشىلەردىن بولسۇن دەيدىكەنمىز ئاتا–ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىمكانقەدەر مېھىر–مۇھەببىتىمىزنىڭ يېرىمىنى يوشۇرۇۋالايلى، بۇ بىزنىڭ بالىلارغا بولغان رەھىمسىزلىكىمىز ئەمەس، بەلكى مېھىر–مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇرلۇقى بولۇپ قالغۇسى.
 

چوقىلاش
باش بەت
باش بەت
نەشىر ھۇقۇقى شىنجاڭ ئانا تۇپراق ئۇنۋىرسال تور بېكىتىگە تەۋە ، خالىغانچە ئىشلەتمەڭ !
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق - ئالاقىلىشىش تېلفۇنى : 13999939240 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2012 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايۇنى ئىتتىپاق يۇلى 1063 -نۇمۇر 101-ئىشخانا