ھەمكارلىق

|

قۇشۋېلىڭ

|

باش بەت قىلىڭ

تور بازىرى | TV | MP3 نـــاخشــا | mtv ناخشىلار | كىنو فىلىم | تور ئۇيۇنى | رەسىملەر | ئەدەبىيات | دىتال | ئىزدەش | خەۋەرلەر | چايخانا | مۇنبەر

 

بـــــــاش بـــــەت | ئەدەبىيات گۈلزارى | مەدەنىيەت ۋە تارىخ | بەس مۇنازىرە | دوستلۇق كۆۋرۈكى | شېئىرىيەت گۈلزارى | QQ ئىپادىللىرى | يۇمشاق دىتاللار | كۆڭۈلدىكى سۆز
تېلېۋىزىيە قاناللىرى | خـــــــەۋەرلـــــــەر | ئىجادىي ئەسەرلەر | ھېكايە - رومانلار | خەلقئارا خەۋەرلەر | ئەدەبىيات | سودا - سېتىق | رەسىـــمــلـــــەر | رومانتىك رەسىم
شېئىر - قوشاقلار | نەسرىي ئەسەرلەر | كــىنــو - فىــلــىم | MTV نــــاخشــــا | MP3 نــــاخشــــا | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | كۈلدۈرگە-ئىتوتلار | ئۈسۈملۈك ۋە جەسەت
پـــىـــــلاستىــنكـــــا | يۇمۇر - چاقچاقلار | تېلېفون بازىرى | يانفۇن مۇزىكىسى | خانىم - قىزلار | مۇھەببەت ئۈنچىلىرى | كومپيۇتېر بىلىملىرى | تەگلىك رەسىملىرى | چولپانلار رەسىملىرى
 

ئەدەبىيات

  ئىجادىيەت سالونى | ھىكايە - رومان | كۆڭۈلدىكى سۆز | شېئىر - قوشاق | نەسرىي ئەسەرلەر | خانىم - قىزلار
 

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز » باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  تور بىلىملىرى

 
 

بۇ تۈردىكى يېڭى يازمىلار

بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك يازمىلار

كۆپ كۆرۈلگەن يازمىلار

توردا دۇكان ئېچىپ سودا قىلىش توغرىسىدا !
ۋاقتى : 2011-10-17  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

ئىنتىرنىت تېخنىكىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ، تور بىزنىڭ كۈندىلىك تورمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى ، شۇنداقلا تور بىزنىڭ  كۈندىلىك  تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى . توردا سودا قىلىش ، مال سېتىۋېلىش ئەنئەنىۋى سودىدىكى رايون چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ، ياقتۇرىشىغا سازاۋەر بولدى . تاۋباۋ تورىدىلا مال سېتىۋېلىشقا تىزىملاتقانلارنىڭ  سانى نەچچە  10 مىلىيۇندىن ئېشىپ كېتىشى بۇنىڭ ئەمەلى ئىسپاتى .  
  جوڭگودىكى ئەڭ چوڭ تورسودا سۇپىسى بولغان تاۋباۋ تورىنىلا مىسال قىلىپ ئېيتساق بۇ توردىن سېتىۋالغىلى بولمايدىغان نەرسە قالمىدى دىسەك مۇبالىغە بولماس .
تاۋباۋدىن مال سېتىۋېلىش جەريانىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ .
تىزىملىتىش ــــ مال تاللاش ـــــــ مال ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىش ــــــــ پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى تاللاش ـــــــــ مال يەتكۈزۈش ئۇسۇلىنى تاللاش ـــــــــ مال كەلگەندىن كىيىن تەكشۈرۈش ــــــــــــــ مال تاپشۇرىۋالغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش  قاتارلىقلاردىن  ئىبارەت.
توردا دۇكان ئېچىش
توردا دۇكان ئېچىش بىر خىل يېڭى ئۇسلۇپتىكى ئىگىلىك تىكلەش ئۇسۇلى بولۇپ ، ئەنئەنىۋى تىجارەت ئۇسۇلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا  توردا دۇكان ئاچقاندا  كېتىدىغان مەبلەغ ئاز ، ئۈنۈمى تىز ، خەتىرى ئاز ، چاققان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە شۇنداقلا جۇغراپىيەلىك رايون چەكلىمىسىنىڭ لىشىگە ئۇچرىمايدۇ . ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا بولدا دەسلەپكى قەدەمدىلا سالىدىغان مەبلەغ كۆپ ، خەتىرى چوڭ ، رايون چەكلىمىسىنڭ چەكلىشىگە ئۇچرايدۇ .
توردا دۇكان ئېچىش ئۈچۈن تاۋباۋنى مىسال قىلىپ ئېيتساق ئالدى بىلەن تاۋباۋدا دۇكان ئاچىدىغان بىر قاتار جەريانلارنى بىلىشىڭىز كېرەك . يەنى : تىزىملىتىش ـــــ سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش ـــــ دۇكان ئىلتىماس قىلىش ـــــــ تاۋباۋ قائىدە تۈزۈملىرىدىن ئىمتاھان بېرىش ـــــــــ مال كىرگۈزۈش ــــــــ ئۆز دۇكىنىنى  تەشۋىق قىلىش ــــــــ خېرىدار بىلەن ئالاقە قىلىش ــــــ سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق جەريانلارنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك .   
توردا سېتىلىدىغان ماللارنى مۇنداق ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ .
1. ئەمەلىي مال ـ يەنى كىيىم –كېچەك ، ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىللىرى قاتارلىق ئەمەلىي نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ .  
2. مەۋھۇم مال ـــ يەنى تور ئارقىلىقلا تىلىفونغا ، تور ئويۇنلىرىغا،چ چ كەسىپلىرىگە پۇل قاچىلاشتەك ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ .  
دەسلەپتە سىز تور دۇكىنى ئاچقاندا ئىشنى ئەمەلىي مال سېتىشتىن باشلىشىڭىزمۇ بولىدۇ . ئەمما تور سودىسىغا نىسپەتەن چۈشەنچىڭىز يېتەرلىك ئەمەس ،  تەجرىبىڭىز كەمچىل  ئۇنىڭ ئۈستىگە توردىكى ئىشەنچ دەرىجىڭىز تۆۋەن ئەھۋالدا  قولىڭىزدىكى ماللار ھەر قانچە ئېسىل ، باھاسى تۆۋەن بولسىمۇ ئەمما سېتىپ چىقىرالماسلىقىڭىز مۇمكىن ،  ھەتتا توردا
دۇكان ئېچىشتىن ۋاز كېچىپ ، سىڭگەن نېنىمنى يەي دەپ ئۆز يولىڭىزغا راۋان بولۇشىڭىز مۇمكىن ..........  
دەسلەپتە مەۋھۇم مال ساتسىڭىز مەسلەن : تىلىفونغا پۇل قاچىلاش دىگەندەك كېتىدىغان مەبلەغ ئاز ،خەتىرى يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشەنچ دەرىجىڭىز  تىز ئاشىدۇ . تەجرىبىڭىز كۆپىيىپ ، ئىشەنچ دەرىجىڭىز ئېشىپ بەلگىلىك سەۋىيەگە يەتكەندە  قولىڭىزدا بار بولغان ئەمەلىي مەھسۇلاتنى سېتىپ چىقارسىڭىز بولىدۇ .
تاۋباۋدا دۇكان ئاچقانلارنىڭ 70ـ80 پىرسەنتى ئىشنى مەۋھۇم مال سېتىشتىن باشلىغان ........ مەۋھۇم مال سېتىش ــــــ توردا مال سېتىشنىڭ دەسلەپكى ئاساسىي ئۇلى ھېساپلىنىدۇ .
شۇڭا تاۋباۋدا دۇكان ئېچىشنى ئويلىشىۋاتقانلار ياكى ئېچىپ بولغان بولسىمۇ نىمە قىلىشنى بىلەلمەي يۈرگەن دوسلارغا تەكلىپىم : ئىشنى ئالدى بىلەن مەۋھۇم مال سېتىشتىن باشلاڭ . تور سودىسىغا نىسپەتەن چۈشەنچىڭىز ئايدىڭلىشىپ ، تەجرىبىڭىز كۆپىيىپ ، ئىشەنچ دەرىجىڭىز ئېشىپ تور سودىسىنىڭ ئومۇمى يولىنى چۈشىنىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن ئەمەلى مال سېتىشقا يۈزلىنىڭ ..... !

چوقىلاش
باش بەت
باش بەت
نەشىر ھۇقۇقى شىنجاڭ ئانا تۇپراق ئۇنۋىرسال تور بېكىتىگە تەۋە ، خالىغانچە ئىشلەتمەڭ !
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق - ئالاقىلىشىش تېلفۇنى : 13999939240 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2012 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايۇنى ئىتتىپاق يۇلى 1063 -نۇمۇر 101-ئىشخانا