شەنشىدىكى كان ئىشچىلىرى ياتىقىدا پارتىلاش يۈز بېرىپ15ئادەم ئۆلدى
شىنخۇا تورى 7-ئاينىڭ31-كۈنى تەييۈەندىن بەرگەن خەۋىرى:مۇخبىرنىڭ شەنشى ئۆلكىلىك كۆمۈر كان تارماقلىرىدىن ئىگەللىشىچە،7-ئاينىڭ31-كۈنى سائەت3:40ئەتراپىدا،شەنشى لىنڧفېن يىچېڭ ناھيىسىدىكى كان قۇدىقى ئىشچىلار ياتىقىدا پارتىلاش يۈز بېرىپ،بېيجىڭ ۋاقتى7-ئاينىڭ31-كۈنى سائەت9:00قەدەر 15ئادەم ئۆلۈپ،20ئادەم يارىدار بولغان
ئىگەللىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا،پارتىلاش يۈز بەرگەن كان لىياۋگوۋ كۆمۈر كانى بولۇپ،ياڭمېي گۇرۇھىنىڭ قارمىقىدىكى كان قۇدىقى ئىكەن.نۆۋەتتە،شەنشى ئۆلكىسى ۋە ياڭمېي گۇرۇھىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئول خادىملار نەق مەيدانغا ئاتلانغان،كونكرت ئۆلۈم يېتىم سانى ۋە پارتىلاش سەۋەبى تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.