روسىيەدىكى قاتتىق ئىسسقتا 18ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى
رېيتىر ئاگېنتلىقى:روسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇدا داۋاملاشقان يۇقىرى تېمپراتورىلىق قۇرغاق ھاۋارايى ئورمان ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ھازىرغا قەدەر 18ئادەم ئورمان ئوت ئاپىتىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
6-ئايدى باشلاپ،تومۇز ئىسسىق روسىيەنىڭ ياۋروپا قىسىمىدىكى زېمىنىنىڭ مەركىزىي قىسىمغا ۋە سىبىرىيە رايونىغا يامراپ،ۋەيران قىلغان زىرائەت كۆلىمى گوللاندىيە دۆلىتىنىڭ زېمىنىغا بارارۋەر كەلگەن.موسكىۋانىڭ كۈندۈزلۈك تېمپراتورى38.2گىرادوسقا يېتىپ،تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتورا كۆرۈلگەن.
روسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ۋورونېژسىكيا ئوبلاستىدىكى 7-ئاينىڭ29-كۈنى يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتى 7-ئاينىڭ30-كۈنى داۋاملىق كۆيگەن.روسىيە جىددىي ئىشلار مىنىستېرلىكى بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى 5ئادەمنىڭ ئۆلۈشى،نەچچە يۈز ئادەمنىڭ ئۆي ماكانىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى جاكارلىغان.
روسىيە باش مىنىستېرى پۇتىن 7-ئاينىڭ30-كۈنى ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلغان.
سىڭتاۋ گېزىتى تورىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا،ئىككى كۈندىن بۇيانقى ئوت ئاپىتىدە ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 25 ئادەم ئۆلگەن،نەچچە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان.مىڭدىن ئارتۇق ئۆيلەر كۆيۈپ كەتكەن.
خەۋەرلەرنى ئورتاقلاشتۇرماقچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ ! |