تاغ كەلكۈنى 217دۆلەت تاشيولى لىنىيىسىدىكى كۈسەن كانى ھەمدە شىياۋلوڭ كۆلىگىچە بولغان37كىلومېتىر دائىرىدە بولغان،10جايدىكى تاشيول ياساش ئەترىتىدىكى500دىن كۆپ ئادەم،دۆلەت يولى تونىلىدىكى 50كە يېقىن ئادەم،شىياۋلوڭ كۆلى يېنىدىكى 500نەپەر ساياھەتچى ۋە چارۋىچى قاپسىلىپ قالغان،ئۆلۈم يېتىم توغرىسىدا خەۋەر يوقكەن.
نۆۋەتتە كۇچا ناھىيىسى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ھەرخىل تەييارلىقلارنى كۆرۈپ قويغان.ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ئاينىڭ30-كۈنى سائەت15 كە قەدەر،ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە كۇچار ناھىيىسى بىرلەشمە قۇتقۇزۇش ئەترىتى قاپسىلىپ قالغان ئاممىدىن170تىن كۆپ ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىققان.كۈسەن كانچىلىقى چەكلىك شېركىتى يېنىدىكى120نەپەر ساياھەتچى كۇچا ناھىيە بازىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
يەرلىك مېترولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا،قارا يامغۇر7-ئاينىڭ30-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت15تىن كېيىن توختىغان،قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاندىن تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قانات يايغان.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھەربىي رايوننىڭ مەلۇم قىسىمىنى يۆتكەپ،تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئاپەت رايونىغا ئاتلانغان.
خەۋەرلەرنى ئورتاقلاشتۇرماقچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ !