موتۇرولا ئالما شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇندى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-يانۋار خەۋىرى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، موتۇرولا شىركىتى 24-يانۋار ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى يەرلىك سوتقا ئالما شىركىتى بۇلتۇر 10-ئايدا بازارغا سالغان iPhone 4S تېلىفۇنىنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىغا ئالاقىدار ئالتە تۈرلۈك پاتنېتقا دەخلى-تەرز قىلغانلىقى توغرىسىدا ئەرز سۇنغان. نۆۋەتتە موتۇرولا كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن گوگىل شىركىتىنىڭ بىرلەشمە سودىسى نازارەت قىلىپ تەستىقلاشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويغان.
موتۇرولا شىركىتى يەنە ئالما شىركىتى بۇلتۇر ئېلان قىلغان iCloud نىڭ مەزمۇن ساقلاش ئىقتىدارىنى باشقا بىر تۈرلۈك پاتېنتقا دەخلى قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن. موتۇرولا شىركىتىنىڭ قارىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن پاتېنتقا دەخلى قىلىشى، موتۇرولا شىركىتىنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتقان، يەنە كېلىپ ئالما شىركىتى بۇنىڭغا قارىتا قانۇنىي جەھەتتىن تۈزىتىش تەدبىرى قوللانمىغان.
گوگىل شىركىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ ۋەقەگە قارىتا باھا بېرىشنى رەت قىلغان ۋە گوگىل، موتۇرولا شىركەتلىرىنىڭ مۇستەقىل تىجارەت ئېلىپ بارىدىغان ئايرىم شىركەتلەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. موتۇرولا شىركىتى باياناتچىسىمۇ ۋەقەگە تېزلىكتە ئىنكاس قايتۇرالمىغان. ئالما شىركىتى ۋەكىلىمۇ مۇخبىرنىڭ ۋەقە بولغان باھاسى ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا شۇئان جاۋاب قايتۇرالمىغان.
بۇندىن بۇرۇنمۇ موتۇرولا شىركىتى ئالما شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى موتۇرولا شىركىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئالما شىركىتىنى ئەرز قىلىشى ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئىككى قېتىملىق ئەرزنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش پاتېنت مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، موتۇرولا شىركىتى سوتتىن ئالما شىركىتىنىڭ ئىككى تۈرلۈك مەھسۇلاتىنى سېتىشنى توختىتىش ۋە ئالما شىركىتىدىن تۆلەم ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.
مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، ئامېرىكا خەلقئارا سودا كومىتېتى دەسلەپكى كېسىمنى ئېلان قىلىپ، ئالما شىركىتىنىڭ پاتېنتقا دەخلى قىلمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خالىسە ئەھمەد
|