ئىران پرېزىدېنتى: بىز ئىران يادرو مەسلىلىرى سۆھبىتىدىن قاچمىدۇق
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27-يانۋار خەۋرى:ئىران پرېزىدېنتى ئەھمەدى نىجات 26-يانۋاردا ئىراننىڭ ئىران يادرو مەسلىلىرى سۆھبىتىدىن قاچمىغانلىقىنى ھەم قاچمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىران ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى ئەھمەدىنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى توردا ئېلان قىلىپ، غەربتىكى بىر قسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىراننى :« ئىران يادرو مەسىلىلىرى سۆھبىتىدىن قېچىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە رەدىيە بەرگەن شۇنداقلا «بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن سەۋەب كۆرستىپ قېچىۋاتقىنى دەل شۇلارنىڭ ئۆزى.بىز ئىران يادرو مەسىلىلىرى سۆھبىتىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز » دەپ كۆرسەتكەن.
23-يانۋار، ياۋروپا تەشكىلاتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىندا چىقارغان قارارىدا، ياۋروپا تەشكىلاتدىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىراندىن نېفىت سېتىۋېلىشى چەكلەنگەن ھەم ئىران مەركىزى بانكىسىدىكى بىر قىسىم بايلىقنى توڭلىتۋېتىشتەك جازا تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇلغان. مۇشۇ قارارغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا تەشىلاتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىراندىن نېفىت سېتىۋېلىشى چەكلەش ئارقىلىق ، ئىراننىڭ نېفىت سودىسىنى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىلەن باغلىنىشى بار بولغان مەبلەغ سېلىش ۋە سۇغۇرتا مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنىمۇ چەكلىگەن.
مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ، ئىران بىر قانچە قېتىم ئىران يادرو مەسىلىلىرى سۆھبىتىنى قايتا ئېلىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلغان.ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىھى 19-يانۋاردا تۈركىيىدە زىيارەتتە بولغاندا، ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ ئاچقۇچى دەرھال ئىران يادرو مەسىلىلىرى سۆھبىتىنى ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.« ئەگەر باشقا تەرەپلەر باھانىلەرنى كۆرسەتسە، بىز ئۇ دۆلەتلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق ئىراننىڭ يادرو مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى خالىمايدىكەن دەپ چۈشىنىمىز.» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
ئىران ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەت بىلەن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن . لېكىن، ئىككى تەرەپ ئۇران قۇيۇلدۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە بىرلىككە كېلەلمەي، سۆھبەت نەتىجىسىز ئاياقلاشقان.
زۇلپىيەم ئېزىز بوغلان.
|