سۈرىيىدىكى زوراۋانلىق پائالىيەتلىرى يەنە ئون كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27-يانۋار خەۋىرى: 26-يانۋار سۈرىيىنىڭ كۆپ قىسىم شەھەرلىرىدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ئون كىشىنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇندىن باشقا سۈرىيىنىڭ يەنە بىر قىسىم شەھەرلىرىدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەستىقلانغان ئون مىڭدىن ئارتۇق سۈرىيە ئاممىسى قاتناشقان نامايىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان.
سۈرىيە ھۆكۈمەت تاراتقۇسى بولغان سۈرىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «زوراۋانلىق تەشكىلاتى» شۇ كۈنى سۈرىيىنىڭ خۇمېس شەھىرىدە راكىتا بومبىسى ئېتىپ، تۆت كىشىنىڭ قازا قىلىشى ۋە 20 نەچچە كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئىگىلىنىشىچە، قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلار ئىچىدە بالىلارمۇ بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىككى ئوفىتسېر ۋە بىر ئەسكەر قۇراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەر بېرىشىچە، سۈرىيە ئارمىيىسى ۋە خەۋپسىزلىك قىسمى 25-يانۋار سۈرىيىنىڭ خۇمېس، دۇما قاتارلىق شەھەر-بارازارلاردا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، 34 كىشى قازا قىلغان ، خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 26 سى خۇمېسلىق ئىكەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇندىن سەل بۇرۇن يەنە، سۈرىيە خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ 26-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن دەمەشىقتىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دۇما شەھىرىدە چوڭ كۆلەملىك ئىزدەپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 200 دىن ئارتۇق كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
26-يانۋار كۈنى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەرەبى بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىگۇناھ خەلققە داۋاملىق بالايىئاپەت ياغدۇرۇشىدىن خاۋاتىرلەنگەنلىكىنى ئىپادىلەپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتىن توسقان.
26-يانۋار ئون مىڭدىن ئارتۇق سۈرىيە ئاممىسى دەمەشىق، سۈرىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ئالېپپو، لاتاكىيە، تارتۇس ۋە تېرزور قاتارلىق شەھەرلەردە نامايىش ئېلىپ بارغان. نامايىشچى ئامما شۇ كۈنى سۈرىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە پرىزدېنت بەشار ئاسادنىڭ رەسىمىنى ئېگىز كۆتۈرگىنىچە، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ھوقۇقىنى قوغداپ، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشنى توسۇش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن، يەنە بىر قىسىم ئامما « ئاسىي ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى!» دەپ توۋلىغان.
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى 22-يانۋار قاھىرەدە ئېچىلغان دېپلوماتىيە يىغىنىدا يېڭى بىر تۈرلۈك ئەرەب ئەللىرى تەشەببۇسنامىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تەشەببۇسنامىدە پرىزدېنت بەشار ئاسادنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى مۇئاۋىن پرىزدېنتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ۋە ئىككى ئاي ئىچىدە سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەردىن تەشكىل قىلىنغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئەمما بۇ تەشەببۇسنامە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەرەبى ۋە قاتار خەلىپىسى شەيىخ ھاماد بىرلىشىپ، ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىمۇنغا خەت ئەۋەتىپ، يېڭى تەشەببۇسنامىنىڭ كونكىرت مەزمۇنى شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ب د ت باش شتابىغا بېرىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى سۈرىيىنىڭ ۋەزىيەت تەرەققىياتىدىن خەۋەردار قىلىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويغان. نۆۋەتتە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا، بىر قىسىم ئەرەب ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئەرەب ئەللىرى تەشەببۇسنامىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا، سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى لايىھىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.
خالىسە ئەھمەد
|