ش ئا ئە ت روسىيە بىلەن بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ھەمكارلىقىدا ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى ئېتراپ قىلدى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27-يانۋار خەۋىرى: ش ئا ئە ت باش كاتىپى (Anders Rasmussen) راسمۇسىن 26-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، ش ئا ئە ت ۋە روسىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ھەمكارلىقىدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
راسمۇسىن ش ئا ئە ت باش شتابىدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھېلىھەم روسىيە بىلەن ش ئا ئە ت نىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈمىد بارلىقىنى، ئەمما ئىككىلا تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
راسمۇسىن يەنە، سۆھبەتنىڭ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ماينىڭ ئاخىرلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان چىكاگو ئۇچرىشىشىدىن بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن ۋەزىيەتنىڭ ئايدىڭلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. راسمۇسىننىڭ ئېيتىشىچە، چىكاگودا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان روسىيە-ش ئا ئە ت ئۇچرىشىشىمۇ ش ئا ئە ت نىڭ بىر تۈرلۈك تاللىشى بولۇپ، ناۋادا شۇ ۋاقىتتا ئىككى تەرەپنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ھەمكارلىقى تەسكە توختىسا، چىكاگو ئۇچرىشىشىمۇ ئېلىپ بېرىلمايدىكەن.
راسمۇسىننىڭ چىكاگو ئۇچرىشىشىدىن ئۇچۇر بېرىشىچە، ئۇچرىشىشتا ش ئا ئە ت پىلان بويىچە، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنىڭ «ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۇرۇش كۈچى» گە ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلايدىكەن، ئەمما بۇ سىستېما يەنە سەككىز ياكى ئون يىلدىن كېيىن ئاندىن ھەقىقىي ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىكەن.
2010-يىلى 11-ئايدا ش ئا ئە ت رەھبىرى لېسبون ئۇچرىشىشىدا، ياۋرۇپا قىتئەسىنى قاپلىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا، ئامېرىكىنىڭ ياۋرۇپادىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە روسىيىنى ياۋرۇپا مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تەكلىپ قىلغان، ئەمما روسىيە بۇ سىستېمىسىنىڭ ئۆزىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ش ئا ئە ت دىن بۇ سىستېمىسىنىڭ روسىيىگە خىرىس پەيدا قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بېرىشنى ئۇنداق بولمىغىنىدا، روسىيىنىڭ ئەكسىچە تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خالىسە ئەھمەد
|