بانكىمۇن ھىلال ئەخمەر رەئىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىق ۋەقەسىنى قاتتىق سۈرەشتە قىلىشنى تەلەپ قىلدى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27-يانۋار خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى (Martin Nesirky) نېسىركىي 26-يانۋار ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شىتابىدا سۆز قىلىپ، ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىمۇننىڭ سۈرىيىدىكى ھىلال ئەخمەر جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھنىڭ 25-يانۋار ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلغانلىق ۋەقەسىگە قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە يەنە، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، قاتىلنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى جاكارلىغان.
نېسىركىي شۇ كۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ، باكىمۇننىڭ ئابدۇللاھنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىگە يېقىن كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بانكىمۇن يەنە بۇ ھىلال ئەخمەر جەمئىيىتىنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، قاتىلنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خەلقئارا قىزىل كىرىست كومىتېتى ئەمەلدارى 25-يانۋار، ئابدۇللاھنىڭ شۇ كۈنى ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى دەلىللىگەن. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ئابدۇللاھ شۇ كۈنى پايتەخت دەمەشىقتىن ئىدلىب (idlib) ئۆلكىسىگە كېتىۋاتقاندا، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان قۇراللىق خادىم تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ قازا قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، ھىلال ئەخمەر جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھنىڭ سۈرىيىدە ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمىتىنى ئىشلەپ كەلگىنىگە خېلى ئۇزۇن بولغان ئىكەن.
خالىسە ئەھمەد
|