تاجىكىستان ئىقتىسادىي ۋە سودا مىنىستىرى شەرىف رەھىمزادە، ئىرانغا قارشى جازا چارىلىرى تاجىكىستان ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى، دېدى.
تاجىك مۇخبىرلىرى بۇ توغۇرلۇق دۈشەنبىدە خەۋەر بەردى. رېگنوم خەۋەر ئاگېنتلىقى، رەھىمزادىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا قوشما شىتاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي ھالدا تېھرانغا يېڭى جازا چارىلىرى، ئىران بىلەن سودا ھەمكارلىقى تاجىك شىركەتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىيىنلاشتۇردى، دەپ خەۋەر بەردى.
ئەينى ۋاقىتتا مەتبۇئاتلارمۇ ئىران بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئارىسىدىكى بۇ زىددىيەتنىڭ يامانلىشى كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈپ، تاجىكىستان ئىقتىسادىي ۋە سودا مىنىستىرىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن: «بۇنىڭدا ئىرانمۇ، ھەمدە بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشكۈچى ئەمەستۇر.»
تاجىكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا شېرىكلىرىدىن بىرى بولغان ئىران تاجىكىستانغا بىر مىليون دوللاردىن كۆپرەك مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇندىن ئىلگىرى تاجىكىستان ئوخشاش پارىس تىللىق دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىراننىڭ زور سوممىلىق ئېتىۋارلىق سىياسەت ۋە ياردەملىرىدىن بەھرىمەن بولاتتى.
مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئىرانغا قارشى يېڭى جازا چارىلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شەرق ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ سۆزىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىراننىڭ نېفىتىنى بايقۇت قىلىش قارارى، ئىران ئىقتىسادىغا تەسىرى زور بولىدىكەن. ياۋروپا، ياپونىيەدىن باشقا يەنە بەزى مەملىكەتلەرنىڭمۇ ئىران نېفىتىنى سېتىۋېلىشنى توختاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەمما ئىران نېفىتىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى جۇڭگو ئىرانغا قارشى جازا چارىلەرگە قارىتا ھېچقانداق قوللاش-قۇۋۋەتلەش بىلدۈرمىگەن. ئىراننىڭ يادرو ئېنىرگىيىسىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ شېرىكى بولغان روسىيەمۇ بۇ چارىلەرگە قەتئىي قارشى تۇرغان. شۇنداقتىمۇ جازا ئىراننى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ھەر يىلى 10%لىك تاشقى پرىۋوتتىن مەھرۇم قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
(گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)