ئامېرىكا-جەنۇبىي كورىيە «ئاچقۇچلۇق قارار» ى فېۋرالنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلىدۇ
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27-يانۋار خەۋىرى: جەنۇبىي كورىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا-جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى باش قوماندانى 27-يانۋار ئامېرىكا-جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى «ھەل قىلغۇچ قارار» نىڭ 27-فېۋرالدىن 9-مارتقىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ھەربىي مانىۋېر جەريانىدا ئامېرىكا تەرەپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20 مىڭ ۋە 2100 نەپەر ئوفىسىر-ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش مەشىقى ئېلىپ بارىدىكەن.
شۇ كۈنى سائەت 11:15 ئۆتكەندە، بىرلەشمە ئارمىيە قوماندانلىق شتابى پانمۇنجوم گارنىزون رايونى (JSA) دا، بۇ قېتىمقى مانىۋېر كۈنتەرتىپى توغرىسىدىكى كونكىرت مەزمۇنلارنى مېكرافون ئارقىلىق شىمالىي كورىيىگە ئۇقتۇرغان.
جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئېيتىشىچە، «ھەل قىلغۇچ قارار» ناملىق ھەربىي مانىۋېر ئارقىلىق، ئارمىيىنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىقى بولغان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن، ئۇ يەنە جەنۇبىي كورىيىدە قەرەللىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دائىملىق مەشىقلەرنىڭ، جەنۇبىي كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيە 1-مارتتىن 30-ئاپرىلغىچە «قۇرغۇي» ناملىق مەشىق ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، بۇ مەشىقتە ئامېرىكىنىڭ 10100 ئوفىتسېر-ئەسكىرى، جەنۇبىي كورىيىنىڭ سەپەرۋەرلىك دېۋىزىيىسى ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرى بىرلىشىپ، ھاۋا، دېڭىز ۋە ئالاھىدە ئۇرۇش مەشىقى ئېلىپ بارىدىكەن.
ئامېرىكا-جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە قوماندانلىق شتابى باشلىقى جېيمىس (james turman) نىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىقى مەشىقلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خەتەرلىك ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش يىللىق مۇداپىئە مەشىقى بولۇپ، جەنۇبىي كورىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغانىكەن.
ھالبۇكى، شىمالىي كورىيە بولسا «ھەل قىلغۇچ قارار» ۋە «قۇرغۇي» ھەربىي مەشىقلىرىنىڭ شىمالىي كورىيىگە تاجاۋۇز قىلىش مەشىقى ئىكەنلىكىنى توغرىسىدىكى تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرغان.
خالىسە ئەھمەد
|