2-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچقۇرۇن،Google+ توربېكىتى رەسمىي تۈردە جۇڭگو رايۇنىدا ئېچىۋىتىلدى،گەرچە قىسمەن خەۋەرلەردە Google+ نىڭ جۇڭگو رايۇنىدىكى چەكلىمىسى بىكار قىلىندى دىيىلگەن بولسىمۇ،بىراق،گۇگېل شىركىتى تەرەپ بۇ ئىش توغرىسىدا ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.Google+بولسا گۇگېل بۇلتۇر 6-ئايدا ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى بولۇپ،Facebook قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە توربېكەتلىرى بىلەن رىقابەتلىشىش يۈزىسىدىن يولغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك مۇلازىمەت،بىراق،ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى،Google+ دۆلىتىمىزدە ئىزچىل ھالدا چەكلىنىپ كىلىۋاتقانىدى.
Google+نىڭ ئاساسلىق بېتىدە تورداشلار ئورتاقلاشقان باھا سۆزلىرى،سۈرەتلەر،ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكى،ئويۇن قاتارلىق بار بولۇپ،ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا كىرىپ تۇرىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن قىلچىمۇ ناتونۇش تۇيۇلمايدۇ.بەت ئۈستىدىكى قورال ئېستونىدا بىر مۇنچە گۇگېل مۇلازىمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان،مەسىلەن،Google ئىزدەش مۇلازىمېتى،Gmail ئېلخەت مۇلازىمېتى،گۇگېل خەرىتىسى قاتارلىقلار،ئابونتلار قورال ئېستونى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ گۇگېل ھېساباتى ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيدۇ،ھەمدە بۇ ئۇچۇلارنى ئورتاقلىشالايدۇ.Google+ نىڭ يەنە بىر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بار،ئۇ بولسىمۇ كۆرۈنمە چاستوتىلىق پاراڭلىشىش،بۇنىڭدا بىرلا ۋاقىتتا ئەڭ كۆپ بولغاندا 10ئادەم ئۆزئارا تېلىفون يىغىنى شەكلىدە پاراڭلىشالايدۇ.ئۇندىن باشقا،ئابونتلار يانفونى ئارقىلىق تارتقان سۈرەتلەرنى مۇلازىمېتىرغا يوللىيالايدۇ،ھەمدە ھەرقانداق بىر كومپىيۇتېر ئارقىلىق بۇ سۈرەتلەرنى كۆرەلەيدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ گۇگېل ھېساباتىڭىز بار بولسا،ئۇنداقتا تېزدىن بىرىپ Google+نى كۆرۈپ كىلىڭ!
زىيارەت مەنزىلى: https://plus.google.com
|