سىنا تەنتەربىيىسى 1-ئاينىڭ 29- كۈنى خەۋىرى:
1-ئاينىڭ 29-كۇنى، 2012-يىللىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 30 ئايلانما مۇسابىقە تەرتىبى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن. مۇشۇ ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە بولغاندا، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلىنىپ، 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاياغلىشىدىكەن. بۇ مۇسابىقە تەرتىبى بولسا جۇڭگو پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ھەر قايسى كۇلۇبلارغا تارقاتقان پىكىر ئىلىش پىلانى بولۇپ، كۇلۇبلارنىڭ بەرگەن پىكىرلىرىنى ئوموملاشتۇرۇپ ئاندىن مۇسابىقىنىڭ رەسمى تەرتىبى بېكىتىلىدىكەن. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كۇلۇبلار مۇسابىقە باشلاش ۋاقتى ۋە بىر قاتار كونكرېت ۋاقىت مەسىلىلىرىدە پۇتبول بىرلەشمىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ پەسىللىك 30 مەيدان مۇسابىقە تەرتىبىنى رەسمى بېكىتىدىكەن.
|