پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، يەھۇدىي مەھەللىسى قۇرۇش پائالىيەتلىرى توختىتىلمىغان تەقدىردە، ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، يەھۇدىي مەھەللىسى قۇرۇش پائالىيەتلىرى توختىتىلمىغان تەقدىردە، ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
مەھمۇد ئابباس، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قاھىرەدە چاقىرىلغان يىغىنىدا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇغا، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ شەرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پارچە مەكتۇب يوللىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
ئابباس، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى مەكتۇبقا سەلبىي جاۋاب بەرگەن ئەھۋالدا، پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىن مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن قايتىدىن سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى باشلايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
مەھمۇد ئابباسنىڭ سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بولسا، ئابباسنىڭ تىنچلىققا ئارقىسىنى قىلىپ تۇرىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
نېتانياھۇ، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنى، ھاماسنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈش ۋە ئىراننى پائال شەكىلدە قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى
|