
گەرچە 2011-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق شىنجاڭنىڭ ئاپتوموبىل بازارلىرى كۆرۈنەرلىك جانلانغان. يېقىندا مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپتوموبىلنىڭ يەككە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 21 مىليارد 161 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكىسپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللار 10 مىڭغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %72.6 ئېشىپ، ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى343 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %77 ئاشقان. تەنھەرىكەتچىلەر ئويۇشمىسى باش ئىشتابى
بۇلتۇر، شىنجاڭنىڭ ئاپتوموبىل بازارلىرى 2009-، 2010-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك جانلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشچە، 2011-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەركىزىي شەھەردە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى 440 مىڭدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشقان.
( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
|